![图文-[法网]纳达尔捧起火枪手杯再尝奖杯滋味](../../../../uploads/allimg/100607/1645521163-0.jpg)
شۇ يەر ۋاقتى 6-ئىيۇن پارىژ خان سارىيى چويلا توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2010-يىللىق فرانسىيە چويلا توپ ئاشكارا مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەرنىڭ يەككە ئويناش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيىلىك ياش ماھىر نادال 3-0 نەتىجە بىلەن شىۋىتسىيىلىك سودېرلىننى يېڭىپ چېمپيون بولدى ، شۇنداقلا خەلقئارا چويلا توپ بىرلەشمىسىنىڭ ئەر ماھىرلار يىللىق رەت-تەرتىپىدە قايتىدىن 1-ئورۇنغا ئۆتتى . بۇ نادالنىڭ كەسپىي ھاياتىدا 5-قېتىم مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ چېمپيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى بولۇپ ، ئۇندىن باشقا يەنە مونتكارلو ، رىم ۋە مادرىدتىكى مۇسابىقىلەردىمۇ كەينى-كەينىدىن چېمپيون بولۇپ ، چويلا توپ ساھەسىدىكى قىزىل توپىلىق مەيداندا تولۇق چېميون بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى .
![图文-[法网]纳达尔捧起火枪手杯高举冠军奖杯](../../../../uploads/allimg/100607/16455245G-1.jpg)
![图文-[法网]纳达尔捧起火枪手杯纳达尔和索德林](../../../../uploads/allimg/100607/16455221J-2.jpg)
نادال ۋە سودېرلىن
ئىسپانىيە خانىشى مۇسابىقىگە ھەمدەم بولدى























