شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مۇخبىرلىرى جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان <قار لەيلىسى ئاپتوموبىلى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى> __ شىنجاڭ ئىشتىن سىرتقى پۇتبول مۇسابىقىسى 5-ئىيۇندىن باشلاپ شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە رەسمىي باشلاندى . مەزكۇر مۇسابىقىگە رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىشتىن سىرتقى پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ۋە ئىدارە-ئورگانلارنىڭ خىزمەتچى-خادىملىرىدىن بولۇپ جەمئىي 800 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ ، دۇنيا لوڭقىسىغا تەقلىد قىلىپ 32 كوماندىغا بۆلۈنۈپ مۇسابىقىلىشىدۇ ، ھەمدە بۇ 32 كوماندا 8 گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ۋە شاللاش مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئاخىرقى چېمپيون تاللاپ چىقىلىدۇ . مۇسابىقىنىڭ مۇكاپات لوڭقىسىمۇ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تەقلىدىي بويۇمى بولۇپ ، مۇسابىقە 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ .