
ئىتالىيە ئىنتېر مىلان كۇلۇبىنىڭ رەئىسى موراتتى 8-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ ، ئىسپانىيىلىك تېرىنېر رافائېل بېنىتىسنىڭ كوماندىنىڭ يېڭى تېرىنېرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى . تېخى ئالدىنقى كۈنىلا ئېنگىلاند لېۋىرپول كۇلۇبىدىن خىزمەتتىن بوشىتىلغان بېنىتىس بۇ يىل يازدىن باشلاپ ئىنتېر مىلان كۇلۇبىنىڭ تېرىنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ .

ئىنتېر مىلان كۇلۇبىنىڭ رەسمىي باياناتى
ئىنتېر مىلاننىڭ سابىق تېرىنېرى مۇرىنىئو كوماندىنى يېتەكلەپ تېخى يېقىندىلا ئاياغلاشقان مۇسابىقە پەسلىدە 3 چوڭ چېمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ، بۇ خىزمەت ئورنىنىڭ قىزىقى قالمىدى دەپ قاراپ تېخىمۇ چوڭراق ئىش تەۋرىتىش ئۈچۈن ئىسپانىيە خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ تېرىنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى . بېنىتىس بولسا ئۆتكەن پەسىلدە لېۋىرپول كوماندىسىنى ھېچقانداق چېميونلۇققا ئېرىشتۈرەلمىگەنلىكتىن ، كوماندا ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن توختامنى بىكار قىلدى .

<تەلۋە تېرىنېر> نى تېخىمۇ زور رىقابەت كۈتۈپ تۇرماقتا

ئىنتېر مىلان بېنىتىس دەۋرىگە قەدەم قويدى























