
9-ئىيۇل خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە گېرمانىيە ئادىداس شىركىتى يوھاننىسبۇرگدا 2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى <ئالتۇن توپ مۇكاپاتى> نىڭ 10 نەپەر نامزاتىنى ئېلان قىلدى . ئۇلار : ئىسپانىيە كوماندىسىدىن ۋىلىئا ، ئىنېستا ، خاۋى ، گوللاندىيە كوماندىسىدىن سنېيدىر ، روبىن ، گېرمانىيە كوماندىسىدىن سۋېيىنشىتايگېر ، ئۆزىل، ئۇرۇگۋاي كوماندىسىدىن فورلان ، گانا كوماندىسىدىن جىئان ۋە ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن مېسسىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

<ئالتۇن توپ مۇكاپاتى> __ ھەر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرغا بېرىلىدىغان مۇكاپات بولۇپ ، ئادىداس شىركىتى مۇكاپات ۋە باھالاش مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدۇ . بۇ نۆۋەتلىك باھالاشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى 12-ئىيۇل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ .

ئۇرۇگۋاي ماھىرى فورلان
![图文-[小组赛]西班牙VS智利伊涅斯塔狂吼](../../../../uploads/allimg/100710/03424HA6-3.jpg)
ئىنېستا (سولدا) ۋە ۋىلىئا





















