7-ئىيۇل كەچتە جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھىرىدە 7 ياشلىق بىر ئۆسمۈر ئېھتىياتسىزلىقتىن مەلۇم بىر قۇرۇلۇش ئورنىدىكى چوڭقۇرلۇقى 15 مېتر ، دىئامېترى ئارانلا 30 سانتىمېتر كېلىدىغان قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن . ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى قۇتقۇزۇش قىيىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئەھۋالدا 20 سائەتتىن ئارتۇق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاخىرى 8-چېسلا چۈشتىن كېيىن بالىنى قۇدۇقتىن بىخەتەر تارتىپ چىقارغان . دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن بالىنىڭ تېرىسى ئازراق سۈرۈلۈپ كەتكەن ۋە ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى يېنىك دەرىجىدە يارىلانغاندىن باشقا روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى بايقالمىغان .