مىسىر مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى 7-ئىيۇل پايتەخت قاھىرەنىڭ جەنۇبىدىكى چۆللۈكتىن 4300 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىككى چوڭ قەبرىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . مىسىر دۆلەتلىك ئارخېلوگىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھاۋاسنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئارخېلوگىيە خادىملىرى قەبرە ئىچىدىن تېپىلغان يازما ماتېرىياللارغا ئاساسەن بۇ ئىككى قەبرىنىڭ 3-ئەۋلاد فىرئەۋننىڭ قول ئاستىدىكى بىر جۈپ ئاتا-بالا پۈتۈكچىنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلغان .
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!