ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 6-ئىيۇل قارار ماقۇللاپ ، جۇڭگو جېجياڭ <جىلى> ئاپتوموبىل گورۇھى شىركىتىنىڭ ئامېرىكا فورد ئاپتوموبىل شىركىتى قارمىقىدىكى شىۋىتسىيە ۋولۋو ماركىسىنى سېتىۋېلىش پىلانىنى رەسمىي تەستىقلىغانلىقىنى جاكارلىدى . بۇ يىل 3-ئايدا جۇڭگو <جىلى> ئاپتوموبىل شىركىتى بىلەن شىۋىتسىيە ۋولۋو ئاپتوموبىل شىركىتى شىۋىتسىيىنىڭ گوتبورگ شەھىرىدە <جىلى> شىركىتىنىڭ ۋولۋو ماركىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش توغرىسىدا رەسمىي توختام ئىمزالىغان .
جۇڭگو <جىلى> ئاپتوموبىل گورۇھىنىڭ باش لىدىرى لى شۇفۇ توختامغا ئىمزا قويدى