ئامېرىكا قاتناش مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ ، ياپونىيە تويوتا ئاپتوموبىل شىركىتىدىن 16 مىليون 375 مىڭ دوللار تۆلەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . ئامېرىكا قاتناش مىنىستىرى لاھۇدنىڭ ئېيتىشىچە تويوتا ئاپتوموبىللىرى ئامېرىكا بازارلىرىدىن ئومۇميۈزلۈك قايتۇرىۋېلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدە جەمئىي 35 ئادەم تويوتا بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە چېتىشلىق قاتناش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغان .
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!