![图文-[小组赛]巴西2-1朝鲜队友祝贺麦孔](../../../../uploads/allimg/100616/1211001a5-0.jpg)
2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپىلار ئارا مۇسابىقىسىنىڭ G گۇرۇپپا 1-ئايلانما مۇسابىقىسى شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن كەچ يوھاننىسبۇرگدىكى ئايرېس باغچىسى توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى . 5 نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى چېمپيونى برازىلىيە كوماندىسى 2-1 نەتىجىدە 44 يىلدىن تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان چاۋشيەن كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە 3 نومۇر بىلەن مەزكۇر گۇرۇپپىدا 1-ئورۇنغا ئۆتتى .
![图文-[小组赛]巴西2-1朝鲜埃拉诺精准推射](../../../../uploads/allimg/100616/1211003023-1.jpg)
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0-0 بىلەن ئاياغلاشقان بولۇپ ، كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي برازىلىيە كوماندىسىنىڭ يان مۇداپىئەچىسى مايكون تۆۋەن بۇلۇڭدىن بىر توپ ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى ئۆزگەرتتى ، 72-مىنۇتتا ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى ئېلانو يەنە بىر توپ ئۇرۇپ برازىلىيە كوماندىسى 2-0 ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى . ئاخىرقى مىنۇتلاردا چاۋشيەن كوماندىسىنىڭ 8-نومۇرلۇق ھۇجۇمچىسى جىيىنەن بىر توپ قايتۇرىۋالغان بولسىمۇ ئاخىرقى نەتىجە يەنىلا 2-1 دە مۇقىملاشتى .
![图文-[小组赛]巴西2-1朝鲜郑大世突破梅洛](../../../../uploads/allimg/100616/1211005M1-2.jpg)
برازىلىيە كوماندىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىي كۈچى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا بولۇپ ، چاۋشيەن كوماندىسى بولسا 85-ئورۇندا ، يەنى بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىدىكى 32 كوماندىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كەينىدە تۇرىدۇ . چاۋشيەن كوماندىسىنىڭ ئەڭ داڭلىق ماھىرى جېڭ داشىنىڭ يىللىق كىرىمى برازىلىيە چولپىنى كاكانىڭ 450 مىڭدىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ . شۇنداقتىمۇ تارىختا تېخى 2-قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان <سىرلىق قوشۇن> چاۋشيەن كوماندىسى 5 نۆۋەتلىك دۇنيا چېمپيونى برازىلىيە كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان كەسكىن مۇسابىقە ئويناپ تاماشىبىنلارنى رازى قىلدى .
![图文-[小组赛]巴西VS朝鲜郑大世泪流满面](../../../../uploads/allimg/100616/1211004415-3.jpg)
![图文-[小组赛]巴西2-1朝鲜这个比分令人回味](../../../../uploads/allimg/100616/121100B35-5.jpg)
![图文-[小组赛]巴西2-1朝鲜布拉特与普拉蒂尼观战](../../../../uploads/allimg/100616/121100EI-6.jpg)
![图文-[小组赛]巴西2-1朝鲜胜似胜利](../../../../uploads/allimg/100616/1211004U7-7.jpg)
![图文-[小组赛]巴西2-1朝鲜技术更占优势](../../../../uploads/allimg/100616/1211004606-8.jpg)
![图文-[小组赛]巴西2-1朝鲜胡安防守郑大世](../../../../uploads/allimg/100616/12110040T-9.jpg)























