ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>تەنتەربىيە>

بارسېلونا كۇلۇبى 8-ئايدا ئېلىمىزگە زىيارەتكە كېلىدۇ

2010-يىلى07-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
13-ئىيۇل دۆلەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى ئىسپانىيە بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ 8-ئايدا ئېلىمىزگە كېلىپ دوستلۇق مۇسابىقىسى ۋە بىر قاتار خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . بارسېلونا كۇلۇبى ئىسپانىيە ۋە دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق پۇتبول كۇلۇبلىرىدىن ب
  

13-ئىيۇل دۆلەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى ئىسپانىيە بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ 8-ئايدا ئېلىمىزگە كېلىپ دوستلۇق مۇسابىقىسى ۋە بىر قاتار خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . بارسېلونا كۇلۇبى ئىسپانىيە ۋە دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق پۇتبول كۇلۇبلىرىدىن بىرى بولۇپ ، كۆپ قېتىم ئىسپانىيە پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە ياۋروپا چېمپيونلۇق لوڭقىسىنىڭ چېمپيونلۇقىغا ئېرىشكەن ؛ ئۇندىن باشقا تېخى يېقىندىلا دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپيون بولغان ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى بارسېلونا كۇلۇبىدىن كەلگەن . ئۇلارغا يەنە ئارگېنتىنالىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مېسسۇ قوشۇلۇپ ، 8-ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىكنىڭ 2 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن چاڭگىسىمان تەنتەربىيە مەيدانىدا بېيجىڭ گوئەن پۇتبول كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينايدۇ ھەمدە توپ مەستانىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!