ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>تەنتەربىيە>

WC _ ئىسپانىيە چېمپيون بولدى !

2010-يىلى07-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:جۇڭگو خەۋەرلەر تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن كەچ يوھاننىسبۇرگدىكى پۇتبول شەھەرچىسى توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى . نەتىجىدە ئىسپانىيە كوماندىسى ئۇزارتىلغان ۋاقىت ئىچىدە ئىنېستانىڭ كىرگۈزگەن ب
  

2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن كەچ يوھاننىسبۇرگدىكى <پۇتبول شەھەرچىسى> توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى . نەتىجىدە ئىسپانىيە كوماندىسى ئۇزارتىلغان ۋاقىت ئىچىدە ئىنېستانىڭ كىرگۈزگەن بىردىنبىر توپىغا تايىنىپ 1-0 نەتىجىدە گوللاندىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ ، تارىختا تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى .

ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى ئاندىرېئاس ئىنېستا ئۇزارتىلغان ۋاقىتنىڭ 116-مىنۇتىدا پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى . ئىسپانىيە 2008-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىدا چېمپيون بولغاندىن كېيىن 2010-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا يەنە چېمپيون بولۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى . گوللاندىيە بولسا ئۇدا 3-قېتىم ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قېلىپ ، يەنىلا <تاجسىز شاھ> دېگەن ئاتاقتىن قۇتۇلالمىدى .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!