2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 1-مەيدان چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تۈنۈگۈن كەچ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئېلزابېت پورتىدىكى نېلسون ماندېلا تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى . گوللاندىيە 2-1 نەتىجىدە <بەش يۇلتۇزلۇق> برازىلىيىنى مەغلۇب قىلىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا 4 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى .
مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا برازىلىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى روبىنىئو بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىدە ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئوتۇرا مەيدان ماھىرى مېلو مۇسابىقىنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى . ئۇ ئالدى بىلەن ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆز ۋارىتارىغا بىر توپ ئۇرۇپ قويۇپ ، قارشى تەرەپكە نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈپ بەردى . ئارقىدىنلا قارشى تەرەپ ماھىرىغا ئېغىر قائىدىسىزلىق قىلغانلىقتىن قىزىل كارتا بىلەن جازالىنىپ مەيداندىن چىقىرىۋېتىلدى . كېيىن گوللاندىيە كوماندىسىدىن سىنېيدىر ھالقىلىق بىر توپنى ئۈسۈپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2-1 گە مۇقىملاشتۇردى .
تۈنۈگۈنكى يەنە بىر مەيدان چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇرۇگۋاي كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق ئافرىقا كوماندىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇرۇقى بولغان گانا كوماندىسىنى شاللىۋېتىپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى . يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇلار برازىلىيىنى شاللىۋەتكەن گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن تىركىشىدۇ .