چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 0-4 نەتىجىدە گېرمانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ دۇنيا لوڭقىسى سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرغان ئارگېنتىنا كوماندىسى 5-ئىيۇل كەچتە پايتەخت بۇئېنس-ئايرېسقا يېتىپ كەلدى . گەرچە مۇسابىقىدىن كېيىن نەتىجىنى قوبۇل قىلالمىغان بىر قىسىم توپ مەستانىلىرى جېدەل چىقىرىپ كوماندىنىڭ ئىپادىسىدىن نارازى بولغان بولسىمۇ لېكىن كوماندا ئەزالىرى دۆلەتكە قايتقاندا يەنىلا نەچچە مىڭلىغان توپ مەستانىسى يېرىم كېچىدە كوچىلارغا چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئالدى ھەمدە مارادونا ۋە ئۇنىڭ توپچىلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ مارادونا بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقى ھەمدە توختام ۋاقتى توشۇشتىن بۇرۇن ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى . كوماندا ئىچىدىكى مېسسى قاتارلىق كۆپ قىسىم ئەزالارمۇ مارادونانىڭ داۋاملىق باش تېرىنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .