تۈنۈگۈن كەچ ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ بىر مەيدان چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە كوماندىسى 4-0 نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى . بۇنىڭ بىلەن ئارگېنتىنا ئۇدا ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئوخشاشلا گېرمانىيىگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ دۇنيا لوڭقىسى سەپىرىنى ۋاقىتسىز ئاياغلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى .
مۇسابىقە باشلىنىپ 3-مىنۇتتىلا گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن ماھىرى مۇللېر بىر توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنى ۋاقىتلىق ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغان بولۇپ ، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە گېرمانىيە ھۇجۇمچىسى كىلوس كەينى-كەينىدىن 2 توپ ئۇرۇپ مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىگە كاپالەتلىك قىلدى . ئاخىرىدا ئوتتۇرا بېك فرېدرىچ بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 4-0 دە مۇقىملاشتۇردى .
<تەڭداشسىز مېسسى> ئۆزى يالغۇز قانداقمۇ قەھرىمان بولالىسۇن ؟
<ھاكاۋۇر مارادونا> ئاخىرى باش ئەگدى