شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن كەچ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇربان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يەنە بىر مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 2008-يىلىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چېمپيونى __ ئىسپانىيە كوماندىسى 1-0 نەتىجىدە گېرمانىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ ، تارىختا تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى . بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا بېكى پۇيول مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى .
ئىسپانىيە بىلەن گوللاندىيە 11-ئىيۇل كەچتە جەنۇبىي ئافرىقا پايتەختى يوھاننىسبۇرگدا بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاخىرقى چېمپيونلۇقىنى تالىشىدۇ ، بۇ ئىككى دۆلەت تېخى ئەزەلدىن دۇنيا لوڭقىىسغا ئېرىشىپ باقمىغان بولۇپ ، مەيلى قايسى كوماندا يېڭىشىدىن قەتىينەزەر بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىدا بىر يېڭى دۇنيا چېمپيونى بارلىققا كېلىدۇ !