فرانسىيە كوماندىسى بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىدا ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار بولۇپ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىلا شاللىنىپ كەتكەنلىكى ، شۇنداقلا كوماندا ئىچىدە ئىناقسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يامان تەسىر بەرگەنلىكى ئۈچۈن ، كوماندا ئەزالىرى دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى چاقىرتىپ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ ، جەنۇبىي ئافرىقىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى . فرانسىيە پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئېسكالېتتىس ۋە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى دومىنىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشتى . يىغىندىن كېيىن بۇ ئىككىيلەن كەينى-كەينىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى . زۇڭتۇڭ ساركوزى يەنە ئايرىم ئىپادە بىلدۈرۈپ بۇ قېتىمقى فرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسىدىن ئىنتايىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى .