
رۇسىيەدە كېيىنكى يىللاردا يۈز بەرگەن دالا ئوت ئاپەتلىرىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 30غا يەتتى. ئوت ئاپەتلىرىگە قارشى كۈرەش سېپىدىن ئارمىيەمۇ ئورۇن ئالدى. كېيىنكى 130يىلنىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان رۇسىيەدە 83 رايوندىن 14ى دالا ئوت ئاپەتلىرى بىلەن كۈرەش قىلماقتا. ھەر جاينى قاپلىۋالغان قويۇق ئىس تۈتەكلەر، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىنى قىيىنلاشتۇرماقتا. بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى موسكۋاغا يېقىن 850مىڭ نوپۇسقا ئىگە ۋورونېج شەھىرىنى پەنجىسى ئاستىغا ئالدى. موسكۋانىڭ جەنۇبىدىكى 300 ئائىلىلىك بىر يېزىنىڭ يېرىمىمۇ كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى. ئوت ئاپەتلىرى قانچە ئونلىغان ناھىيە ۋە يېزىغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ جايلاردا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان يەرلىكلەر كۆچۈرۋېتىلدى. ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىگە 240مىڭ كىشى، 25مىڭ ئاپتوموبىل، 226 ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار قاتناشتى. رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاناتولىي سېرديۇكوۋ، ئارمىيەگە تەۋە بولغان 300دەك ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. رۇسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى، تېمپۇراتېرنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن كۈنىگە ئەڭ ئاز دېگەندە 20 قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى دىمىترى مېدۋېدېۋمۇ، رۇسيەنىڭ كېيىنكى 30-40 يىلنىڭ ئەڭ چوڭ تەبىئىي ئاپەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. قۇرغاقچىلىق ئېغىرلىشىۋاتقان رۇسىيەدە، دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پاتقاق كۆمۈرلىرىنىڭ ئىسسىقتىن ئوت ئېلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقماقتا.