
14–سېنتەبىر ، ئوباما ئوقۇش باشلاش نۇتقىدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار بىلەن قول ئېلىشتى
جۇڭگو ۋە ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتىدۇ . سىلەر كەلگۈسىدە ئۇلار بىلەن رىقابەتلىشىسىلەر ، سىلەرنىڭ مەكتەپتىكى نەتىجىلىرىڭلار كەلگۈسىڭلارنى بەلگىلەپلا قالماي ، 21–ئەسىردىكى ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىنىمۇ بەلگىلەيدۇ. ــــ ئوباما
14–سېنتەبىر ، ئامېرىكا فىلادېلفىيەدىكى بىر تەجرىبە مەكتەپ ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى— ئوبامانى كۈتۈۋالدى . نۇتۇق سۆزلەشكە ماھىر بۇ زۇڭتۇڭ بۇ يەردە ئامېرىكىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىر ‹‹ئالاھىدە دەرس››—ئوقۇش باشلاش نۇتقى سۆزلىدى.
ئوباما شۇ كۈنى ، تەجرىبە مەكتەپنىڭ دەرسخانىسىدا ياش–ئۆسمۈرلىرىگە مۇشۇنداق مۇراجىئەت قىلدى : ‹‹ دىلىڭلارغا ئۇلۇغۋار غايىنى پۈككەن بولساڭلارلا ، تىرىشىشنى خالىساڭلارلا ، پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن ئۆگىنىشكە بېرىلسەڭلارلا ، سىلەر ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان ھېچقانداق ئىش بولمايدۇ ›› .
ئوباما مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا نەتىجە يارىتىشىدا ، ھۆكۈمەت ، مائارىپچى ۋە ئاتا–ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بار ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزىدىمۇ مەسئۇلىيەت بار . ‹‹ سىلەرنىڭ كەلگۈسىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ قولىدا، ئۆزۈڭلاردىن باشقا ھېچكىم سىلەرنىڭ تەقدىرىڭلارنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ›› .
ئوباما نۇتقىدا ، جۇڭگو ۋە ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى ، ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭگو ۋە ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتىدۇ . سىلەر كەلگۈسىدە ئۇلار بىلەن رىقابەتلىشىسىلەر ، سىلەرنىڭ مەكتەپتىكى نەتىجىلىرىڭلار كەلگۈسىڭلارنى بەلگىلەپلا قالماي ، 21–ئەسىردىكى ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىنىمۇ بەلگىلەيدۇ››.