ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئوباما : ئامېرىكا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك

2010-يىلى09-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
    ماتېرىيال سۈرەت     شىنخۇا تورى ۋاشىنگىتون 13–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 13–سېنتەبىر ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئىلگىرىلەش بولدى ، بىراق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلى
  

   

ماتېرىيال سۈرەت

    شىنخۇا تورى ۋاشىنگىتون 13–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 13–سېنتەبىر ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئىلگىرىلەش بولدى ، بىراق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك ، دېدى .

   ئوباما شۇ كۈنى ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى بىر ئائىلىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قوللانغان سىياسەتنىڭ ئاللىقاچان ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ياخشىلىنىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ، بىراق نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئويلىغاندەك بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان .

   ئوباما يەنە بىر قېتىم پارلامېنت كېڭەش پالاتاسىنى كىچىك كارخانىلارنىڭ بېجىنى كېمەيتىش قانۇن لايىھەسىنى تېزراق ماقۇللاشقا دەۋەت قىلىپ ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ ، كېڭەش پالاتاسى مۇشۇ ھەپتە بۇ تۈرلۈك قانۇن لايىھەسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن . 

   ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ، ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلارنىڭ نىسبىتى نۆۋەتتە يەنىلا % 9.6 لىك يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ ، ئوباما ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان .  بۇ چوڭ كۆلەمدە ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ھەمدە كىچىك كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەلەردىن ئېلىنىدىغان باجنى كېمەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ، ئامېرىكىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش تەرتىپىگە ئاساسلانغاندا ، بۇ پىلان چوقۇم پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن . ئانالىزچىلار بۇ پىلاننىڭ پارلامېنتتىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ، قانۇن قىلىپ تۇرغۇزۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ تەسلىكىنى ئېيتقان .  

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!