ئىراقتا يېقىندىن بۇيان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرمەكتە
17–ئاۋغۇست ، ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بولغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، كەم دېگەندە 61 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى ، 130نەچچە ئادەم يارىلاندى ، بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7 دىن 30 مىنوت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن . ۋەقە يۈز بەرگەندە ، 250 دەك ئىختىيارىي تىزىمغا ئالدۇرغۇچى ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەسىس قىلغان ئەسكەر قوبۇل قىلىش مەركىزىدە ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ ، ئادەملەر ئارىسىغا كىرىۋالغان ھۇجۇمچى بەدىنىدىكى بومبىنى تۇيۇقسىز پارتلىتىپ ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈش ، يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . بۇ رامىزان كىرگەندىن بۇيان ئىراقتا يۈز بەرگە ئەڭ ئېغىر ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ . توپىلاڭچىلار رامىزان مەزگىلىدە ھۇجۇمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى توغرىسىدا جار سالغان .
پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيدان (ماتېرىيال سۈرەت)
ئىراق ھەربىي تەرەپ بۇ ھەرىكەتنى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچىدىن ئىككىسى تەڭ قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى ، ھەربىي تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ ، بۇ ‹‹نومۇسسىز››لارچە پارتلىتىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى . باياناتتا : ‹‹تېررورچىلار ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى نىشانلاپ ، ھەربىيلەر ۋە يېڭى ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلدى ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئىراقتا دۆلەت ئۈچۈن ئارمىيەگە قاتناشقانلارنى قورقۇتۇشتىن ئىبارەت ›› دېيىلگەن ، ۋەقەنى كۆرۈپ تۇرغان بىر ئادەم : ‹‹شۇ چاغدا بىز ئۆچرەتتە تۇرغانىدۇق ، ئۆچرەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئەسكەرلىككە تىزىملىتىدىغانلار ئىدى ، نەق مەيداندا يەنە بىر قانچە ئوفىتسېر ۋە ساقچىمۇ بار ئىدى ، ئۇشتۇمتۇت پارتلاش يۈز بەردى، پارتىلاشتا مېنىڭ قولۇممۇ يارىلاندى ›› دېدى .
يېقىندىن بۇيان ئىراقتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئارقا–ئارقىدىن يۈز بەردى، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنى ئارمىيە ۋە ساقچى قىسىملىرىغا ئەسكەر بولۇپ كىرىشتىن توسۇشتىن ئىبارەت . ئالدىنقى ئاينىڭ 18–كۈنى باغداتنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنى نىشانلىغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش دېلوسى يۈز بېرىپ ، 39كىشى ئۆلگەن ئىدى ، مۇشۇ ئاينىڭ 7–كۈنى ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى باسۇرادىكى بىر رەستىدە 3 قېتىم پارتلاش دېلوسى يۈز بېرىپ ، بىر قاتار بومبا ھۇجۇملىرىدا ئاز دېگەندە 10 ئادەم قازا قىلدى ، 20 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى ، ئوخشاشلا شۇ ئاينىڭ 15–كۈنى ئىراقتىكى ئامېرىكا چارلاش ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ ، بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى .
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى : ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈش سىياسىي قىمار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
8–ئاينىڭ باشلىرىدا ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئۆزىنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتا جەڭ قىلىش ۋەزىپىسى پىلان بويىچە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئوبامانىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقتى جەدۋىلىگە ئاساسەن ، ئامېرىكا جەڭگىۋار قىسىملىرى مۇشۇ ئاينىڭ 31–كۈنىدىن بورۇن ئىراقتىن پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈلمەكچى ، قالغان 50 مىڭ ئەسكەرمۇ 2011–يىل ئاخىرىغىچە چېكىندۈرۈلمەكچى . ئوبامانىڭ ئېيتىشىچە ، قالغان 16 ئايغىچە تەخمىنەن 50 مىڭ كىشىلىك بۇ قوشۇن ئىراقتا داۋاملىق قېلىپ ، مەسلىھەتچىلىك قىلىش ، تىنچلىق ساقلاش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتەك مۈشكۈل خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن . خەۋەرلەردە ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىدىن ئۆزىنى تارتىۋېلىشى ئوباما ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىراق ۋەزىيىتىگە دو تىكىپ ئوينىغان زور قىمار دەپ تەھلىل قىلىندى .
ئوباما نوتۇق بايان قىلغاندا : ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلغان ئىراقتىكى ھەربىي ۋەزىپە جەريانىدا نۇرغۇن ئەر–ئايال ئەسكەرلىرىمىز جەڭ مەيداندا قۇربان بولدى . ئىراق ۋەزىيىتى مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە ، ئامېرىكا پىلان بويىچە 8–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىراقتىكى جەڭ ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ ، دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراقتىن ئايرىلدى
ئاقساراي باياناتچىسى گىببس : زۇڭتۇڭ ئوباما يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلار ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئىراقتا قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشتىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى . بۇ ئىلگىرىلەش ئىراق ئارمىيەسىنى خەۋەپسىزلىك خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ ، 8–ئاينىڭ 31–كۈنى خەۋپسىزلىك ۋەزىپىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشتىن بۇرۇن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشى تۇرغان گەپ ، دېدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى تەھلىل قىلىپ : ئوبامانىڭ بۇ قىلىقى شەكسىز بىر سىياسىي قىمار. ئۇ ئىراق ئەمدى ۋەھشىي ھاكىمىيەتنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالمايدۇ ، دېگەنگە دو تىكتى ، دەپ يازدى . ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغان بۇ ھەربىي ۋەزىپە ئۈستىدە توختالغاندا ، ئامېرىكىنىڭ بۇ زۇڭتۇڭى ئىراقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ : ‹‹بۇ ۋەزىپە تولىمۇ مۈشكۈل ، ئىراقتا ھەممىلا جايدا ھېلىھەم ئوق ۋە بومبا ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرۇپتۇ ، تېررورچىلار ئىرقنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇماقچى ، تېخىمۇ دەھشەتلىك ئىش شۇكى ، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى تالاپىتى تۈگەيدىغاندەك ئەمەس›› دېدى . ئىراق ئۇرۇشى 2003–يىل 3–ئايدا پارتلىغان بولۇپ ، تاھازىرغىچە 4414 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ئۇرۇشتا قۇربان بولدى . تەخمىنەن 32000 ئەسكەر يارىلاندى .
ئىراقنىڭ سابىق 2–نومۇرلۇق ئەربابى : ئامېرىكا ئىراقنى تاشلىۋەتتى ، دېدى