ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كولومبىيىدە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى يەرگە چۈشۈپ كەتتى

2010-يىلى08-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
    شىنخۇا تورى ، بوگوتا 16–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : كولومبىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ 16–ئاۋغۇست ئېيتىشىچە ، 131 ئادەم ئولتۇرغان ‹‹ بوئىن737–700›› تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى 16–ئاۋغۇست كولومبىيەنىڭ سان ئاندېرېس ئارىلى ئايرودرومىغا قونۇۋاتقاندا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ
  

    شىنخۇا تورى ، بوگوتا 16–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : كولومبىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ 16–ئاۋغۇست ئېيتىشىچە ، 131 ئادەم ئولتۇرغان ‹‹ بوئىن737–700›› تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى 16–ئاۋغۇست كولومبىيەنىڭ سان ئاندېرېس ئارىلى ئايرودرومىغا قونۇۋاتقاندا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ ، بىر ئادەم قازا قىلغان .

    كولومبىيە ئاۋىئاتسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى كولومبىيەدىكى بىر ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئىكەن . بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ كۈنى پايتەخت بوگوتادىن ساياھەت جەننىتى دەپ ئاتالغان سان ئاندېرېس ئارىلىغا قاراپ يولغا چىققان بولۇپ ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 1 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە ، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن .

ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيدان

   سان ئاندېرېس ئوبلاستىنىڭ باشلىقى پېدرو گالىيادونىڭ يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئېيتىشىچە ، ئايروپىلان قونۇۋاتقاندا چاقماقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، ئىككى پارچە بولۇپ كەتكەن . نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ئايروپىلان قونىدىغانغا نەچچە سېكونت قالغاندا چاقماقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان .

   گالىيادونىڭ ئېيتىشىچە ، ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، بىر يولۇچى ئامال قىلىپ ئايروپىلان بۆلمىسىدىن قېچىپ كەتكەن ، باشقىلارنى قۇتقۇزۇش خادىملىرى قۇتقۇزۇپ چىققان . 68 ياشلىق بىر يولۇچى يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن قازا قىلغان . ئۇ مۇنداق دېدى : ھادىسىدە ئۆلۈش ، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى ، بۇ ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە بولدى .  

   نۆۋەتتە ، كولومبىيە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئايروپىلاننىڭ چاقماقنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ چۈشۈپ كەتكەنلىگە ئائىت دوكلاتنى تەكشۈرمەكتە .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!