
15–ئاۋغۇست ، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ ، گەنسۇ جۇچۈدىكى لاتقا–شېغىللىق ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى
شىنخۇا تورى ، گەنسۇ جۇچۈ 15–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ 15–ئاۋغۇست سائەت 17 دە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە ، 15–ئاۋغۇست سائەت 16 گىچە ، جۇچۈدىكى لاتقا–شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىدە قازا قىلغانلار 1248 گە ، يوقاپ كەتكەنلەر 499 گە ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقانلار 66 گە يەتكەن .
شىنخۇا تورى ، لەنجۇ 15–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى لۇڭنەن شەھىرىدىن ئىگىلىشىچە ، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇدا ياغقان يامغۇر كەلكۈن ، لاتقا–شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، كىشلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالغان .

لۇڭنەن شەھىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان خۇاڭجۇ بازىرى (13–ئاۋغۇست تارتىلغان)
لۇڭنەن شەھەرلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن قوماندانى خۇاڭ زېيۈەن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : بۇ قېتىمقى قارا يامغۇر ئاپىتى بۇزغۇنچىلىق دائىرىسى كەڭ ، زىيىنى ئېغىر ، قايتا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان يۇشۇرۇن ئاپەتلەر كۆپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سالمىقى ئېغىر بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، نۆۋەتتە ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تۆت جەھەتتىن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە .
1. ئاساسىي ئەسلىھەلەرنى تېزدىن رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەس . تاشيول قاتنىشى جەھەتتە : دۆلەت يولى 316–لىنىيەسى ، 212–لىنىيەسى ، ئۆلكە يولى 205–لىنىيەسى ، 307–لىنىيەسى ۋە ناھىيە يولى 482–لىنىيەسى ، 484–لىنىيەلىرىدە يان يول ئېچىلىپ ، ماشىنىلارنىڭ يول يۈرىشىگە قولايلىق يارىتىلغان بولسىمۇ ، بىراق قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللا ئۆتەلەيدىغان بولۇپ ، چوڭ تىپتىكى ماشىنا–ئۈسكۈنىلەر ئۆتەلمىگەچكە ، يوللارنى رېمونت قىلىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش يەنىلا ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە . ئېلېكتىر ئېنېرگىيە جەھەتتە : پۈتۈن شەھەردىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ ، نۆۋەتتە ، يەنە 8331 ئائىلىنى توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىگە كەلمىگەن .
2. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا جىددىي كېرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى كەمچىل . ئاپەتكە ئۇچرىغان بەزى رايونلار ناھايىتى چەت ھەم قاتناش راۋان بولمىغاچقا ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى توشۇش ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە . نۆۋەتتە ، ئاپەت رايونى ئۇن ، تەييارچۆپ ، مىنېرال سۇ ، يامغۇرلۇق كىيىم ، ئاياغ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولماقتا .
3. ئاپەت رايونىدىكى لاتقا –شېغىللارنى تازىلاپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقى ئېغىر . ئاپەت رايونىدىكى يوللار تار بولۇپ ، ماشىنا–ئۈسكۈنىلەر كىرەلمىگەنلىكتىن ، يېزا–بازار ، كوچا–مەھەللىلەر ، كەنتلەردىكى يىغىلىپ قالغان لاتقا–شېغىللارنى تازىلاش خىزمىتى تەس بولماقتا .
4 . ئاپەت رايونىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى نىلون خالتا ، بېنزىن ، دىزېل قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالارغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولماقتا .
15–ئاۋغۇست سائەت 16 گىچە ، بۇ قېتىمقى كەلكۈن ئاپىتىدە لۇڭنەن شەھىرىنىڭ توققۇز ناھىيەسى(رايون) دىكى122 يېزا–بازار ، 1123 كەنتتىكى 816 مىڭ 937 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ ، 25 ئادەم قازا قىلغان ، 61 ئادەم يوقاپ كەتكەن ، 282 ئادەم يارىلانغان ، 5649 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، تەخمىنەن 34 مىڭ 507 گېكتار ( بىر گېكتار 15 مو) كۆلەمدىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان .