4-ئاينىڭ 24-كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ ، پۈتۈن ئۆلكە تەۋەسىنى قۇيۇق توپا-تۇمان قاپلاپ كەتتى . كۆپىنچە جايلارنىڭ كۆرۈش ئارىلىقى تۆۋەنلەپ 2 مېترغىمۇ يەتمىگەن ، ھەتتا بەزى جايلاردا <قولنى سوزسا كۆرۈنمىگۈدەك> ھالەت شەكىللەنگەن .
گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى 13 مېتىئورولوگىيە كۆزىتىش پونكىتىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئېغىر قۇم-بوراندىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقىرىلغان بولۇپ ، بۇنداق پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى 17 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان .