2010-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 7-ئىيۇن رەسمىي باشلىنىدۇ . نۆۋەتتە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تەييارلىقى ھەر قايسى جەھەتلەردىن پۇختا ئېلىپ بېرىلماقتا . ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان ئالدىدىكى ئاخىرقى تەكرارنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار ھەر قايسى ئىمتىھان مەيدانلىرى ئەتراپىدىكى ئامانلىق ، قاتناش ۋە سەھىيە قاتارلىق مۇھىم ھالقىلاردىكى ئالدىن تەييارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ ، دۆلەتلىك ئىمتىھاننىڭ تىنچ-ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا .