6-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گۇاڭجۇ شەھىرى بەييۈن رايونى جىڭشى كوچا باشقارمىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى كۆچمە نوپۇس ئىگىلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرىۋاتقاندا 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر ئۆيىدە ساقچىلار بىلەن تاكاللىشىپ قالغان ھەمدە يېنىدىن تاپانچا چىقىرىپ كوچا ساقچىلىرىغا قارىتىپ ئىككى پاي ئوق چىقىرىپ بىر ساقچىنى يارىلاندۇرغان ، ئارقىدىنلا ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ ساقچىلار بىلەن داۋاملىق قوراللىق قارشىلاشقان .
رايونلۇق ساقچىخانا ئەھۋال مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ئالاھىدە ساقچىلار تېز سۈرئەتتە يېتىپ كېلىپ نەق مەيداننى قامال قىلغان ھەمدە جىنايەتچى بىلەن بىر نەچچە سائەت تىركەشكەندىن كېيىن ئۇنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن .