بېيجىڭ ۋاقتى 16-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىن جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتكەن 8-نۆۋەتلىك ئايروپىلانى 191 نەپەر جۇڭگو پۇقراسىنى ئېلىپ ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا بىخەتەر قوندى . بۇنىڭ بىلەن دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئىككى كۈن ئىچىدە جەمئىي 8 نۆۋەت مەخسۇس ئايروپىلان ئەۋەتىپ 1151 نەپەر جۇڭگولۇق مۇھاجىرنى قىرغىزىستاندىن ساق-سالامەت قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلدى .
12-ئىيۇندىن باشلاپ قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا ئېغىر قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگولۇق مۇھاجىرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە مۇئەييەن تەھدىت ئېلىپ كەلگەن ئىدى . جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېز سۈرئەتتە قىرغىزىستان ۋە ئۈرۈمچىگە ئىككى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ، توقۇنۇش يۈز بەرگەن جايلاردىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئۇلارنى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىنى جىددىي ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە 14-ئىيۇندىن باشلاپ ئۇدا 8 نۆۋەت مەخسۇس ئايروپىلان ئەۋەتىپ مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگولۇق مۇھاجىرنى توپىلاڭ يۈز بەرگەن رايوندىن بىخەتەر قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلدى .