15-ئىيۇن ئامېرىكىنىڭ ئوھايو شىتاتىدىكى بىر چوڭ تىپتىكى خىرىستوس ھەيكىلىنى چاقماق سوقۇۋېتىپ كۆيۈپ كەتكەن ۋە ئاخىرىدا قۇرۇق جازىسىلا قېلىپ قالغان . بۇ ھەيكەل ئوھايو شىتاتى پرېسلاند شەھىرىدىكى بىر چېركاۋنىڭ ئالدىغا سېلىنغان بولۇپ ، ئېگىزلىكى 6 قەۋەتلىك بىنا بىلەن تەڭ كېلىدۇ . شۇ كۈنى كېچىسى ياغقان گۈلدۈرمامىلىق قاتتىق يامغۇردا بۇ ھەيكەلنى چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن ۋە ئوت ئېلىپ كۆيۈپ كەتكەن . بەختكە يارىشا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن .
ھەيكەلنىڭ ئەسلى ھالىتى
كۆيۈپ ھېچنىمىسى قالمىدى