باھاما ساقچى تەرەپ 11-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ ، بىر ھەپتىلىك قوغلاپ تۇتۇش ئارقىلىق باھامانىڭ شىمالىدىكى قاقاس ئارالدىن ئامېرىكىلىق داڭلىق يالاڭ ئاياغ ئوغرى __ 19 ياشلىق خاررىس مورنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى ھەمدە ئۇنى ئامېرىكا ساقچى تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .
خاررىس مور ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئايروپىلان ئوغرىسى بولۇپ ، 8 يېشىدىن باشلاپ ئوغرىلىق قىلىشقا باشلاپ ھازىرغىچە جەمئىي يۈز نەچچە قېتىم دېلو سادىر قىلغان . ئۇ ئادەتتە ئوغرىلىق قىلغاندا ئاياغ كىيمەيدىغانلىقى ئۈچۈن <يالاڭ ئاياغ ئوغرى> دەپ نام چىقارغان .