ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئاجايىباتلار>

چىشلەپ ئۈزۈۋېتىلگەن قول تىمساھنىڭ قورسىقىدىن قايتۇرىۋېلىندى

2010-يىلى07-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
يېقىندا ئامېرىكىلىق بىر ئوغۇل بالا دەريا بويىدا ئويناۋېتىپ تىمساھنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بىر قولى چىشلەپ ئۈزىۋېلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن يەنە مۆجىزىلەرچە قولىنى تىمساھنىڭ قورسىقىدىن تېپىپ قايتۇرىۋالغان . 11-ئىيۇل كەچتە تىموسى ئىككى دوستى بىلەن فلورىدا شىتاتىدىكى
  

يېقىندا ئامېرىكىلىق بىر ئوغۇل بالا دەريا بويىدا ئويناۋېتىپ تىمساھنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بىر قولى چىشلەپ ئۈزىۋېلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن يەنە مۆجىزىلەرچە قولىنى تىمساھنىڭ قورسىقىدىن تېپىپ قايتۇرىۋالغان .

11-ئىيۇل كەچتە تىموسى ئىككى دوستى بىلەن فلورىدا شىتاتىدىكى بىر دەريا بويىدا سۇ ئويناۋاتقاندا كۈتۈلمىگەن يەردىن ئۇزۇنلۇقى 3 مېتردىن ئاشىدىغان بىر قىسقا تۇمشۇقلۇق تىمساھ ئېتىلىپ چىقىپ ئۇنىڭ بىر قولىنى بىلىكىدىنلا چىشلەپ ئۈزىۋالغان . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچىلار تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن تىموسىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان تىمساھنى تۇتۇپ كېلىپ ناركوز قىلغاندىن كېيىن قورسىقىنى يېرىپ ، ئاشقازىنىدىن تېخى ھەزىم قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن تىموسىنىڭ بىلىكىنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن . دوختۇرلارنىڭ ئىنچىكىلەپ تىكىشى ۋە كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشى بىلەن تىموسىنىڭ قولى پۈتۈنلەي ئۇلىنىپ ئەسلىگە كەلگەن . ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان تىمساھمۇ ھېچقانداق زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىغان .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!