ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئاجايىباتلار>

مېكسىكىدا ‹تاشقى پىلانېت ئادىمى› بايقالدى !

2010-يىلى07-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:جۇڭگو خەۋەرلەر تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
مېكسىكىدىكى مەلۇم بىر تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى يېقىندا ئازتېك شەھىرىدە تاشقى پىلانت ئادىمى بايقالغانلىقى توغرىلىق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خەۋەرنى ئېلان قىلدى : خەۋەردە ئېيتىلىشىچە شۇ جايدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا نامەلۇم بىر غەلىتە مەخلۇق دېھقانلا
  

مېكسىكىدىكى مەلۇم بىر تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى يېقىندا ئازتېك شەھىرىدە تاشقى پىلانت ئادىمى بايقالغانلىقى توغرىلىق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خەۋەرنى ئېلان قىلدى : خەۋەردە ئېيتىلىشىچە شۇ جايدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا نامەلۇم بىر غەلىتە مەخلۇق دېھقانلار قۇرغان قاپقانغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ ، كۆرگۈچىلەر ئۇ مەخلۇقنىڭ ناھايىتى كىچىك ، يېتىلمىگەن بىر تاشقى پىلانت ئادىمىگە ئوخشايدىغانلىقىنى قەيت قىلىشقان . خەۋەردە يەنە شۇ چاغدىكى نەق مەيداندىن تارتىلغان  بىر قىسىم سۈرەتلەر كۆرسىتىلگەن بولۇپ ، خەۋەر جەريانىدا يەنە مەزكۇر سۈرەت-كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەقىقىيلىقى قايتا-قايتا ئەسكەرتىلگەن .

ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقە 2007-يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ ، نامەلۇم غەلىتە مەخلۇق بايقالغان جاي دەل مېكسىكىدىكى داڭلىق غايەت زور ئېتىز چەمبىرىكى ھاسىل بولغان جايغا يېقىن ئىكەن . ئاتالمىش <تاشقى پىلانت ئادىمى> بايقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلۈپ قالغان ھەمدە ھۆكۈمەت تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئېلىپ كېتىلگەن . كېيىن بۇ ۋەقە ئۇزۇن مەزگىلگىچە سىر تۇتۇلۇپ كەلگەن بولسىمۇ لېكىن يېقىندا يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىنىپ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!