
ئۈرۈمچى لىنىيىسى خەۋىرى ، 11- يانۋار كەچتە شىنجاڭ تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى مەنزىرىلىك رايونىدا كۆك رەڭلىك بىر نامەلۇم ئۇچار جىسىم بايقالغان . شۇ كۈنى كەچتە سەيلىگاھ خىزمەتچىلىرى مۇخبىرغا تېلىفون قىلىپ كەچ سائەت 8لەر ئەتراپىدا جىلغىغا كىرىش ئېغىزىغا بۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى كۆرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان .
كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىم كۆك رەڭلىك قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا ئوخشاش بولۇپ ، كۈچلۈك نۇر ھالقىسى بار ئىكەن ، تەخمىنەن ئىككى مىنۇتچە بوشلۇقتا يۆتكىلىپ ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئاستا- ئاستا يوقاپ كەتكەن .
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!