ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئاجايىباتلار>

روسىيىدىكى كۆلدە نامەلۇم غەلىتە مەخلۇق بايقالدى

2010-يىلى07-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
يېقىندا روسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى چېننى كۆلى بويىدا ياشايدىغان ئاھالىلەر كۆل ئىچىدە نامەلۇم بىر خىل غەلىتە مەخلۇقنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇنداقلا كۆپ قېتىم ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ھەمدە ئالاقىدار تارماقلاردىن بۇ ئىشنى تەكشۈرۈ
  

يېقىندا روسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى چېننى كۆلى بويىدا ياشايدىغان ئاھالىلەر كۆل ئىچىدە نامەلۇم بىر خىل غەلىتە مەخلۇقنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ، شۇنداقلا  كۆپ قېتىم ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ھەمدە ئالاقىدار تارماقلاردىن بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان .

كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ مەخلۇقنىڭ بوينى چوڭ ھەم ئۇزۇن ، بەدىنى ئىنتايىن زور بولۇپ ، ئىلگىرى فرانسىيىدىكى نىس كۆلى ۋە ئېلىمىزدىكى قاناس كۆلىدە پەيدا بولغان غەلىتە مەخلۇقلارغا ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن . يېقىندا كۆپ قېتىم نامەلۇم مەخلۇقنىڭ يەرلىك بېلىقچىلار ۋە ساياھەتچىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ ، كىشىلەر غايەت زور مەخلۇقنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنى كېمىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ پۈتۈنلا يۇتىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىشقان . ئۆتكەن 3 يىل ئىچىدە 19 ئادەم بۇ كۆلدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىپ ھازىرغىچە بىرەرسىنىڭمۇ جەسىتى تېپىلمىغان .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!