گېرمانىيىلىك بىر ئەر مۈشۈككە ئىنتايىن ئامراق بولغانلىقتىن ، ئۆزى ئۇزۇن يىل باققان 15 ياشلىق بىر چىشى مۈشۈك بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلغان ۋە يېقىندا مۈشۈكى بىلەن رەسمىي توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن . مىتسېرلىچ ئىسىملىك بۇ كىشى كىچىكىدىن تارتىپلا مۈشۈك بېقىشقا ھ
گېرمانىيىلىك بىر ئەر مۈشۈككە ئىنتايىن ئامراق بولغانلىقتىن ، ئۆزى ئۇزۇن يىل باققان 15 ياشلىق بىر چىشى مۈشۈك بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلغان ۋە يېقىندا مۈشۈكى بىلەن رەسمىي توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن . مىتسېرلىچ ئىسىملىك بۇ كىشى كىچىكىدىن تارتىپلا مۈشۈك بېقىشقا ھېرىسمەن بولۇپ ، بۇ يىل 15 ياشقا كىرگەن سېسىلىئا ئۇنىڭ ئامراق مۈشۈكى ئىكەن . گەرچە يېڭى كېلىننىڭ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەپەس يولى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىمالىقى بولسىمۇ يىگىت يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش نىيىتىدىن يانمىدى . 
گېرمانىيىدە ھايۋانات بىلەن توي قىلىش تېخى قانۇننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشمىگەنلىكتىن ، متىسېرلىچ 300 ياۋرو خەجلەپ بىر شەخسىي ئارتىسنى توي مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ۋە گۇۋاھچى بولۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان .
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!