ئۇزۇن چاچ بوۋاي چېن ۋېن خەي يېقىندا تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى.بىراق بۇ بوۋاينىڭ ئۇزۇن چېچى يەنىلام دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى .چۇنكى ۋېتنام مۇخپىر ساھاسىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە 2006 -يىلى بوۋاينى زىيارەت قىلغاندا چېچىنىڭ ئۇزۇنلىقى 6.2 مېتىرغا يەتكەن،بوۋاينىڭ بۇ ئۇزۇن چېچى دۇنيا مۇقاۋە بېتىگە كىرگۇزۇلمىگەن بولسىمۇ،ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى چېچىنىڭ ئۇزۇنلىغى 6.8 مېتىرغا يەتكەن،شۇنداقلام دۇنيا بويۇنچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان! چېن بوۋاينىڭ ئايالىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە،چېن بوۋاي يىگىرمە نەچچە ياش ۋاقىتلىرىدا چېچىنى ياساتسا ئۆزىنى بىر خىل بىئاراملىق ھىس قىلىپ ئاغرىپ قالىدىكەن.بوۋايغا بۇ ئۇزۇن چاچ نۇرغۇن ئاۋارەچىلىقلارنىمۇ ئېلىپ كەلگەن،ۋېتنامدا پۇقرالارنىڭ بىردىن- بىر قاتناش قورالى موتوسېكېلىت(تاكسى ئورنىدا)،بوۋاي موتوسېكېلىت بىخەتەرلىك قالپىقىنى كىيەلمىگەچكە نۇرغۇن موتو شوپۇرلىرى بوۋاينى ئېلىۋىلىشنى رەت قىلىدىكەن!
مەنبە؛022net.com