ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئاجايىباتلار>

تەيۋەندە بىر ئەر < AVATAR > نى كۆرۈپ ئۆلۈپ قالدى

2010-يىلى01-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:www.sohu.com تەھرىر: admin چېكىلىشى:قىتىم
يېقىندا تەيۋەنلىك بىر ئەر AVATAR نى كۆرۈپ ئۆلۈپ قالغان . مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى تەيۋەننىڭ شىنجۇ ناھىيىسىدە گو ئەپەندى ئايالى ۋە بالىسى بىلەن كىنوخانىغا بېرىپ ئەڭ يېڭى 3D فىلىمى AVATAR نى كۆرگەن . ئەمما كىنو داۋاملىشىپ يېرىمىغا بارمايلا قاتتىق بىئارام بولۇپ ھ
  

 

يېقىندا تەيۋەنلىك بىر ئەر < AVATAR > نى كۆرۈپ ئۆلۈپ قالغان . مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى تەيۋەننىڭ شىنجۇ ناھىيىسىدە گو ئەپەندى ئايالى ۋە بالىسى بىلەن كىنوخانىغا بېرىپ ئەڭ يېڭى 3D فىلىمى  < AVATAR > نى كۆرگەن . ئەمما كىنو داۋاملىشىپ يېرىمىغا بارمايلا قاتتىق بىئارام بولۇپ ھوشىدىن كەتكەن . گەرچە كىنوخانا خادىملىرى ئۇنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ لېكىن گو ئەپەندى تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى سەۋەبلىك قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 2-كۈنى سەھەردە دوختۇرخانىدا قازا قىلغان . ئۇرۇق-تۇغقانلىرى گو ئەپەندىنىڭ ئۆلۈمىگە ھېچقانداق دەۋا-دەستۇرى يوقلۇقىنى ئېيتقان .


نۆۋەتتە كىنو ساھەسىدىكى ئەڭ ئاۋات فىلىم < AVATAR > ھازىرقى ئەڭ ئىلغار 3D تېخنىكىسى بويىچە ئىشلەنگەن نادىر فانتازىيىلىك فىلىم بولۇپ ، رەسمىي قويۇلغان تۇنجى ھەپتىسىلا بىر ھەپتىدە جەمئىي 300 مىليون دوللارغا يېقىن بېلەت كىرىمى يارىتىپ كۆڭۈل-ئېچىش ساھەسىنى تەۋرىتىۋەتكەن . ھازىرغىچە بولغان ئومۇمىي بېلەت كىرىم 1.6 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كىنوچىلىق ساھەسىدىكى يېڭى مۆجىزە بولۇپ قېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە .
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!