رۇسىيە <<ھەقىقەت گېزىتى>>نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا ،1848-يىلى بىر ئارخېولوگ مىسىرنىڭ قەدىمكى ئاپىتوس شەھرىدىكى بىر ئىبادەتخانىدا غەلىتە تەسۋىرى رەسىملەرنى بايقىغان.ئەمما ئەينى چاغدا ھېچقانداق بىر ئالىم بۇ تەسۋىرى رەسىملەرنىڭ نېمىنى ئىپادىلەيدىغانلىغىنى بىلەلمىگەن.150 يىلدىن كېيىن ئارخېلۇگلار 3000يىل ئىلگىردىكى مىسىر سەنئەتكارلىرى سېزىپ قالدۇرغان بۇ رەسىملەرنىڭ ئەسلىدە تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە سۇ ئاستى پاراخۇتىنىڭ رەسىملىرى ئىكەنلىگىنى بايقىغان.
ئىبادەتخانىنىڭ تېمىغا كۆرەشچى تىك ئۇچار ئايروپىلان سىزىلغاندىن سىرت ، يەنە ھازىرقى زاماندىكى ئاۋازدىن تېز كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە بومباردىمانچى ئايروپىلانغا ئوخشايدىغان ئۇچۇش قوراللىرىنىڭ تەسۋىرى رەسىملىرى سىزىلغان بولۇپ ،بۇ ئارخېلوگلار ئارىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان. مىسىرلىق ئارخېلوگ ئاللان ئەلھۇد مەزگۇر ئىبادەتخانىدىكى تەسۋىرى يېزىقلارنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ، تامغا سىزىلغان <<تىك ئۇچار ئايروپىلان>> ۋە <<كۆرەشچى ئايروپىلان>> لارنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگەن . ئۇ : قەدىمكى مىسىرلىقلار سىزغان تىك ئۇچار ئايروپىلانلار خۇددى ئۇلارنىڭ باشقا رەسىملىرىگە ئوخشاش رىئاللىقتىن ئېلىنغان، دېگەن.
<<فىر ئەۋىننىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى >> غا دائىر مۇنازىرىنىڭ ئاخىرلاشقىنى يوق . بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە قەدىمقى مىسىرلىقلار ئاۋىئاتسىيە ئىلمىنىڭ سىرىنى يەشكەن ۋە ئۇچۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، ئەمما كېيىنكى كۇنلەردە بۇ خىل بىلىم يوقۇلۇپ كەتكەن . تارىخشۇناس ۋىليام دىۋۇچ : قەدىمقى مىسىر ئىبادەتخانىسىغا سىزىلغان سىرلىق ئۇچار جىسىملار ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئۇچۇش قورالى ھېساپلىنىدۇ،دېگەن. دىۋىنىچ ھەتتا تەسۋىرى رەسىملەرگە ئاساسلىنىپ بىر قىسىم ئايروپىلان مودىللىرىنى ياسىغان . ئۇ بۇ مودىللارنىڭ ئايرودىنامىكا پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقنى بايقىغان ۋە ئايرودىنامىكىلىق تۇربىدا ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇرغان.

مەنبە: ( شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى) دىن
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!