دۇنيادىكى داڭلىق زىبۇ-زىننەت كارخانىسى بولغان House of Borgezie يېقىندا قىممىتى 100 مىڭ فوندستېرلىڭدىن ئاشىدىغان ئىنتايىن چىرايلىق بىر ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى لاھىيىلەپ چىققان بولۇپ ، <مەڭگۈلۈك ئالماس> دەپ ئاتالغان بۇ ئاياغ نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت ئاياغ بولۇپ قالغان .
بۇ ئاياغنىڭ پاشنىسى ۋە چەمى ساپ ئالتۇندىن ياسالغان ، يايسىمان ئىككى چوڭ ھالقىسىغا بولغان 2200 پارچە نەپىس ئىشلەنگەن ئاق ئالماس نەقىش قىلىنغان بولۇپ ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 30 كرانتقا يېتىدۇ . 3 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ دۇنيا بويىچە ئارانلا بىر جۈپ ياسالغان بۇ ئاياغنىڭ ئۆمرى (ئىشلىتىش مۇددىتى) 1000 يىلدىن ئاشىدۇ !