ئەنگىلىيە تېلىگراف گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، يېقىندا ئەنگىلىيىلىك 13 ياشلىق ئۆسمۈر سىبىچ كرون 5 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ تام يۈزىدە ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدىغان بىر خىل ئاسما شەكىلدىكى تامغا يامىشىش ئۈسكۈنىسىنى ياساپ چىققان بولۇپ ، ئۇنى بەدىنىگە ئورناتقاندىن كېيىن خۇددى كىنولاردىكى ئۆمۈچۈك پالۋانغا ئوخشاش تىك تامدىمۇ بىمالال يۇقىرى-تۆۋەن ھەرىكەت قىلالايدىكەن . مەزكۇر ئەسۋاب ئەمەلىيەتتە يۇقىرى قۇۋۋەتلىك چاڭ-توزان سۈمۈرۈش ماشىنىسىدىن ئىككىنى قۇراشتۇرۇش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ ، يەڭگىلراق ئادەم بەدىنىنى كۈچلۈك ئاپموسفېرا بېسىمى ئارقىلىق تامغا چاپلاپ تۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ . سىبىچ ئۆزىنىڭ بۇ كەشپىياتىنى يېقىندا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا نامايەن قىلدى .