ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسى گۇاڭجۇدىن قەشقەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ھاۋا يولىنى ئاچتى

2010-يىلى06-ئاينىڭ29-كۈنىمەنبە:خەلق تورى تەھرىر: خەلق گېزىتى چېكىلىشى:قىتىم
27-ئىيۇن، تۇنجى قېتىم گۇاڭجۇدىن قەشقەرگە بىۋاسىتە ئۇچقان ئايروپىلانغا ئولتۇرغان يولۇچىلار ئايروپىلاندىن چۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى فوتوسى) شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئىيۇن ئۈرۈمچىدىن بەرگەن تېلېگراممىسىى. 27-چېسلا، جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ 300-200 Aتىپلىق ئايرو
  

27-ئىيۇن، تۇنجى قېتىم گۇاڭجۇدىن قەشقەرگە بىۋاسىتە ئۇچقان ئايروپىلانغا ئولتۇرغان يولۇچىلار ئايروپىلاندىن چۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى فوتوسى)
 
  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئىيۇن ئۈرۈمچىدىن بەرگەن تېلېگراممىسىى. 27-چېسلا، جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ 300-200 Aتىپلىق ئايروپىلانىنىڭ شىنجاڭ قەشقەر خەلقئارا ئايرودرومىغا قونۇشىغا ئەگىشىپ، گۇاڭجۇدىن قەشقەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ھاۋا يولىنى ئېچىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. نۆۋەتتە بۇ مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ھاۋا يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  يېڭى ھاۋا يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، گۇاڭجۇدىن قەشقەرگە ئۇچۇشقا 6 سائەت 30 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، گۇاڭجۇ ــ ئۈرۈمچى ــ قەشقەر ھاۋا يولىدا كۈندە بىر قوش يۆنىلىشلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان، ھەپتىدە يەتتە قوش يۆنىلىشلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچىدۇ. نۆۋەتچى ئايروپىلان 15-ئىيۇل رەسمىي قاتناشنى باشلايدۇ. (مۇخبىر لى شياۋلىڭ، سۇ چۇەنيى خەۋىرى)

  مەنبە: http://uyghur.people.com.cn/156325/11990789.html

 

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!