26-ئىيۇن سەھەردە نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى جۇڭۋېي شەھىرى خەييۈەن ناھىيىسىدە پەۋقۇلئاددە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى . ئوتتۇرا تىپتىكى بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى تېز سۈرئەتلىك تاشيولدىن چوڭقۇر جىلغىغا چۈشۈپ كېتىپ ، 11 ئادەم قازا قىلىپ 31 ئادەم يارىلانغان . نۆۋەتتە يارىدارلار ئەڭ تېز سۈرئەتتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولۇپ ، قازا قىلغۇچىلار سانى يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن .
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!