29-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ۋۇخەن-چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا بېشىغا چىغ قالپاق كىيىپ سەپەر سومكىسى ئاسقان ، ئۇچىسىغا پادىچىلار ئىشتىنى & چارۋىچىلار چاپىنى كىيىپ چىلانتورۇق ئات مىنگەن بىر ياش نۇرغۇن كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلب قىلدى ھەمدە تېزلا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋە يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلىپ ، ئاخىرى ۋۇخەن شەھەرلىك قاتناش ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ چوڭ يولدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى .
ساقچىلارنىڭ ئىگىلىشىچە ، بۇ يىل ئارانلا 22 ياشقا كىرگەن بۇ <ئۇزۇن يوللۇق چەۋەنداز> نىڭ فامىلىسى جېڭ بولۇپ ، ئۇزۇندىن بېرى ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئىچكى موڭغۇلدىن يۇرتى جياڭشىغا قايتماقچى بولغان ھەمدە قاتناش خىراجىتىنى تېجەش ئۈچۈن يولنى ئاتلىق بېسىشنى قارار قىلغان . قاتناش ساقچىلىرى يەنىلا ئۇنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقىپ شەھەر سىرتىدىكى ساي يولى بىلەن مېڭىشقا بۇيرىدى .