5-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچىدە چاڭچۈن-شېنجېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ لياۋنىڭ بۆلىكىدە پەۋقۇلئاددە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 32 ئادەم ئۆلۈپ 24 ئادەم يارىلاندى . چوڭ تىپتىكى بىر يۈك ئاپتوموبىلى يۆنىلىشتىن ئادىشىپ قارشى تەرەپ يولىغا كىرىۋالغانلىقتىن ،ئۇدۇلدىن كېلىۋاتقان بىر كارىۋاتلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بىلەن قاتتىق سوقۇلۇپ كەتكەن . نۆۋەتتە يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ ، نەق مەيداننى تازىلاش ۋە راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە .