بېيجىڭ ۋاقتى 15-ئىيۇن يېرىم كېچىدە سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزى زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى كاڭدىڭ ناھىيىسىدە تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ھازىرغىچە جەمئىي 23 ئادەم ئۆلۈپ 10 ئادەم يارىلانغانلىقى ئېنىقلاندى . نۆۋەتتە نەق مەيداندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلاشقان بولۇپ ، ئىگىلىنىشىچە تاغ گۆمۈرۈلۈش ۋەقەسى كاڭدىڭ ناھىيىسىدىكى بىر سۇ ئېلىكتر ئىستانسىسىنىڭ ئىشچىلار لاپاس رايونىدا يۈز بەرگەن . ۋەقە يۈز بەرگەندە لاپاس ئىچىدە 34 ئىشچى بولۇپ ، بۇلاردىن 30 نەپىرى تاش-توپا ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان .