8-ئىيۇن كەچتە جىلىن ئۆلكە يولى 302-نومۇرلۇق تاشيولىنىڭ 194 كىلومېترلىق بۆلىكىگە جايلاشقان جىنجاڭ چوڭ كۆۋرۈكى تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ، كۆۋرۈك ئۈستىدە كېتىۋاتقان بىر چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى ۋە بىر تاكسى دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن . ماشىنىدىكى يەتتە ئادەمنىڭ ئالتىسى ئېغىر يارىلانغان . نۆۋەتتە يارىدارلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆۋرۈك يۈزىنى رېمونت قىلىش ۋە قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتى جىددىي ئىشلەنمەكتە .
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!