1. جوڭگودىن باشقا كوماندىلارنىڭ جابۇلانىغا كۆنەلمەسلىكى
يىقىندىن بۇيان دۇنيا لوڭقىسى توپلىرىنىڭ يىڭىلىنىشى ، ئىشلىتىلدىغان ماتىرىيالنىڭ ئازلىشى ۋە توپنىڭ بارغانىسىرى يۇمىلاقلىشىشىغا ئەگىشىپ ،كونتىرول قىلىش تەسلىشىشكە باشلىدى، ئالدىنقى قېتىملاردا ۋاراتارلار قاخشايتى ، بۇ قېتىم ھەتتا ئالدى ھوجۇمچىلارمۇ توپ كونتىرول قىلالمىغانلىقىدىن ، تەكەن توپلىرىنىڭ ئويلىغىنى بىلەن ئوخشىمايدىغان نەتىجە بېرىۋاتقانلىقىدىن قاخشاشقا چۇشتى،
لېكىن ھەيران قالارلىق ئىش ،جوڭگو كوماندىسى بۇ توپقا شۇنداق ئاسان ماسلىشىپ كەتتى، فىرانسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقدا جوڭگو كوماندىسىنىڭ توپ كونتىرول قىلىشى بولامدۇ ، پاس بېرىشى بولامدۇ،ئخىتىيارى توپى بولامدۇ شۇنداق ياخشى بولدى،ھەتتا فىرانسىيە كوماندىسىنى يىڭىۋالدى.
2.داڭلىقلارنىڭ يارلىنىشى
ئاۋۋال بېۆھام بىلەن ئوۋېن ، ئۇنىڭدىن كىيىن باللاك ، دۇنيا لوڭقىس بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ،فېردىنەنىد، دىروبا، پېرلو، مىكېل، روبېن لار ، بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا بارغانسىرى چولپانلار ئازلىماقتا ، بۇ خۇددى 2002-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىغا ئوخشاش ئاغىرىقلار كۆپ دۇنيا لوڭقىسى بولىدىغان ئوخشايدۇ، 2002-يىلى شۇڭلاشقا كۆپلىگەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلار يۈز بەرگەن ، بۇ قېتىممۇ قارىغاندا بەزى قاملاشمىغان ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن.
3. قىشتا دۇنيا لوڭقىسى ئويناش
6-ۋە 7- ئاي جەنۇبى ئافىرىقىنىڭ قىش پەسىلى جەنۇبى ئافىرىقا جەنۇبى كەڭلىك 22گىرادۇس بىلەن 35-ەىرادۇسنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ مۆتىدىل بەلباغقا قايلاشقان قىسىملىرىدا يەنىلا سوغاق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە مەيدانلارنىڭ ھەممىسى ئىگىزلىكتە ، فىرانسىيە بىلەن ئىتالىيە ھەتتا قار- مۇز بىلەن ئورالغان ئالپىس تىغىدا تەييارلىق مەشىقىنى باشلىدى ، يەرلىكتىكىلەر ھازىر مامۇق كىيىم كىيىدىكەن، بۇ نداق شارائىتتىكى دۇنيا لوڭقىسى قانداق بولىدىكىن تاڭ .
4. مىلانلىق پۇتبولچىلارنىڭ ئاز بولىشى
مىلان كوماندىسى ئەزەلدىن دۇنيا لوڭقىسىنى پۇتبولچىلار بىلەن تەمىنلەيدىغان كۇلۇپ ئىدى ، لېكىن بۇ قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان ئادىمىنىڭ سانى ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن مىلانلىقلارنىڭ سانى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، بۇ قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان مىلانلىقلاردىن ئىتالىيە كوماندىسىدىكى زامبىروتتا بىلەن گاتۇسسو،گوللاندىيە كوماندىسىدىكى خۇنتىلار،بىرازىلىيەدىكى سېلۋا، ئامىرىكا كوماندسىدىكى ئون يېۋۇ،گانا كوماندىسىدىكى ئادىيا قاتارلىقلار بار ، بۇلارنىڭ ئىچىدە زامبىروتتا بىلەن سېلۋالاردىن باشقىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئەزا بولىشى ناتايىن .