2010-يىللىق تەكلىماكان راللى مۇسابىقىسى (تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈش _ ئاپتوموبىل كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسى) 31-ماي قۇمۇلدا باشلانغاندىن بۇيان بۈگۈنگىچە جەمئىي 3 كۈچ ئۇلاش نۇقتىسىنى تاماملىدى . بۇ يىللىق مۇسابىقىگە 30 نەچچە ئاپتوموبىل ئەترىتىدىن 81 چوڭ-كىچىك ئاپتوموبىل ۋە 46 موتسكىلىت قاتناشقان بولۇپ ، نۆۋەتتە ئاساسىي قوشۇن ئوتتۇرا يول بۆلىكىدىكى <ئالۋاستى شەھىرى> رايونىغا يېتىپ كەلدى . ھازىرغىچە جەمئىي 3 نەپەر ماھىر يېنىك يارىلىنىپ مۇسابىقىدىن چېكىنىپ چىقتى .