12-ئىيۇل دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپيونلۇقىغا ئېرىشكەن ئىسپانىيە كوماندا ئەزالىرى مۇكاپات لوڭقىسىنى ئېلىپ دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن ، پايتەخت مادرىدتا نەچچە ئون مىڭلىغان توپ مەستانىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى . شۇ كۈنى مادرىد شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ يىغىلىش ئورنى بولغان مول-ھوسۇل ئىلاھى مەيدانى ۋە زەپەر دەرۋازىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا تۈمەن كىشىلىك غەلىبىنى تەبرىكلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى . ئاخىرىدا كوماندا ئەزالىرى ئىسپانىيە پادىشاھى ۋە باش ۋەزىرنىڭ كوللېكتىپ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى .
11-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە كوماندىسى 1-0 نەتىجىدە گوللاندىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ ، دۆلەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن .