11-ئىيۇل بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرى مەخپىي زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بېيجىڭ رادىئو-تېلىۋېزىيە ئۇنۋېرسىتېتىدا بايقالغان كوللېكتىپ كۆچۈرمىچىلىك ۋەقەسىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن ، بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى مەزكۇر ۋەقەنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . شۇ كۈنى بېيجىڭ رادىئو-تېلىۋېزىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ 50 نەچچە ئىمتىھان نۇقتىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۇتاش مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا 100 نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ كوللېكتىپ كۆچۈرۈش ، ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىش ۋە ئىمتىھان نازارەتچىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىشىپ كۆچۈرگەنلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىشتەك پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئىمتىھان ساختىلىقى بايقالغان .