11-ئىيۇل __ 21-قېتىملىق دۇنيا نوپۇس كۈنى . خېنەن ئۆلكىلىك نوپۇس پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە ، 7-ئاي ئىچىدە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى يۈز مىليونغا يېتىپ ، مەملىكەت بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ شۇنداقلا بىردىنبىر يۈز مىليوندىن ئاشقان ئۆلكە بولۇپ قالىدىكەن .
پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان خېنەن ئۆلكىسىدە نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى 31.47‰ دىن تۆۋەنلەپ 11.45‰ كە چۈشكەن ؛ نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى 24.02‰ دىن زور مىقداردا تۆۋەنلەپ 4.99‰ كە چۈشكەن . بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئۆلكە نوپۇسىنىڭ يۈز مىليوندىن ئېشىش ۋاقتى 13 يىل كېچىككەن .