11-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرى غەربىي تاشقى ئايلانما يولىغا جايلاشقان قاراماي يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبىي بۇرجىكىدە ئوخشاش يۆنىلىشتە كېتىۋاتقان ئىككى ئاپتوموبىل ئۆز-ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ ، كەينىدىن سوقۇلغان ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى نەق مەيداندا قازا قىلغان . ئالدىدىكى يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ چاقى تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كېتىپ جىددىي تورمۇزلىغانلىقتىن ، كەينىدىن تېز سۈرئەتتە كېلىۋاتقان ئاپتوموبىل تورمۇز قىلىشقا ئۈلگۈرمەي يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ كەينى كۇزۇپىغا سوقۇلۇپ كەتكەن .